ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ۋېن جياباۋ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
8 - ئۆكتەبىر، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئىستانبۇلدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشتى    شىنخۇا تورى، ئىستانبۇل، 8 - ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 8 - ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشتى.    زۇڭ
  

8 - ئۆكتەبىر، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئىستانبۇلدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشتى

   شىنخۇا تورى، ئىستانبۇل، 8 - ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 8 - ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشتى.

   زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئابدۇللا گۈلگە رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ قىزغىن سالىمى ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى تۈركىيە خەلقىگە نىسبەتەن دوستانە ھېسسىياتتا. 1000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى تەرەپنى بىر - بىرىگە باغلىغان. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەر توختىماي ئۇچرىشىپ تۇردى، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ساغلام ئىلگىرى سۈرۈلدى، رايون ۋە خەلقئارالىق ئىشلاردا ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ساقلاندى. بۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھاسىل قىلىنغان ۋە تۈزۈلگەن بىر قاتار مۇھىم تونۇش ۋە كېلىشىملەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

   ئابدۇللا گۈل زۇڭلى ۋېن جياباۋغا ئۆزىنىڭ قىزغىن سالىمى ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرىنى رەئىس خۇ جنتاۋغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇللا گۈل تۈركىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، تۈركىيە - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇللا گۈل يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى مول نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!