نەنجىڭلىق مېڭ ئەپەندى چاڭجياڭ دەرياسىدىن بىر غەلىتە بىلىق تۇتىۋالغان بولۇپ، ئېغىزى قورسىقىدا، بەدىنى تەڭگىچە بالداق كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنىسى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ،كۆپلىگەن بېلىقچىلاردىن سورىغان بولسىمۇ، بۇ بىلىقنى تونۇيدىغانلار چىقمىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېلىقنى سۇ مەھسۇلاتلىرى مۇتەخەسسىسىگە كۆرسەتكەن.سۇ مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېگەن:«بۇ بېلىقنىڭ ئەسلى ماكانى لاتىن ئامىرىكىسى بولۇپ، تازىلىغۇچى بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ،ئۇنىڭ ‹تاتلىق سۇ بېلىقى قاتىلى › دەپمۇ نامى بار، ئۇنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىدا بايقىلىشى ياخشى ئىش ئەمەس.» ئۇ ھەقىقەتەن بىر « تازىلىغۇچى بېلىق» بولۇپ، بۇ خىل بېلىق سوم بېلىقىغا تەۋە بولۇپ، شورۇغۇچ بېلىق ،ئەخلەت بېلىق،باربىت بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئۇ سۇ بولسىلا ياشىيالايدىغان بولۇپ، مۇخ ۋە سۇ جانلىقلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئۇ چوڭايغاندا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىمۇ
چوڭىيىپ، مۇخلاردىن باشقا يەنە بېلىق تۈرلىرىنىڭ توخۇملىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.بىر كۈندە 3000دىن تارتىپ 5000غىچە بېلىق تۇخۇمىنى يەپ بولالايدۇ، ۋە بىلىجانلارنى كۆپلەپ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.دۆلىتىمىزدە ئۇنىڭ كۈشەندىسى يوق بولغاچقا تىز كۆپىيىپ ،بېلىق تۈرلىرىنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە تەھدىت سىلىپ،چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىكولوگىيىلىك زەنجىرىنى بۇزىۋىتىشى مۇمكىن. مۆلچەرگە قارىغاندا ، بۇ بېلىق بىرەر ئادەم تەرىپىدىن دەرياغا قويۇپ بىرىلگەن بولۇشى مۇمكىنكەن.