ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

غەلىتە جىننېس دۇنيا رېكورتلىرى

ۋاقتى:2010-09-26 19:04مەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھىرىر:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  
 
دۇنيادىكى ئەڭ يوغان بۇرۇن
 
   بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن تۈركىيەلىك مەھمەت ئۆزيۈرەكنىڭ بۇرنى 8.8 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ ، ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ يوغان بۇرۇنلۇق ئادەم›› دېيىشكە تامامەن مۇناسىپ . ئۇنىڭ يوغان بۇرنى يېقىندا جىننېس رېكورتىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى.
 
 
يۈزىگە ئەڭ كۆپ قوشۇق چاپلىيالايدىغان بالا
 
    كانادالىق 10 ياشلىق بۇ ئوغۇل بالا 17 تال قوشۇقنى يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك چاپلاپ ، جىننېس رېكورتىنى يېڭىلىدى. بۇ نەتىجە ئەنگىلىيەلىك توققۇز ياشلىق ئوغۇل بالا ( Joe Allison ) ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىلگىرىكى 16 قوشۇق چاپلاش رېكورتىنى بۇزۇۋەتتى . ئۇ 17 تال قوشۇقنى يۈزىگە چاپلاشقا پەقەت بەش سېكۇنتلا سەرپ قىلغان .
 
 
بويى ئەڭ ئېگىز ئادەم
 
    دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بويلۇق ئەر تۈركىيەلىك سۇلتان كۆسەن بولۇپ ، 2009–يىلى 11–فېۋرال ئۆلچىگەندە ، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.46 مېتىر بولغان ، ئۇ 1982–يىلى 10–دېكابىر تۇغۇلغان.
 
 
ئەڭ پاكار سۈت كالىسى
 
   11 ياشلىق بۇ قارا رەڭلىك سۈت كالىسى ئەنگىلىيەنىڭ يوركشىرې دېگەن يېرىدىن بولۇپ ، بەدەن ئېگىزلىكى ئاران 33 ديۇيم (83.82 سانتىمېتىر) كېلىدىغان بولغاچقا ، جىننېس دۇنيا رېكورتى ئورگىنى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ پاكار سۈت كالىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان .
 
 
ئەڭ ئۇزۇن چاچ
 
   دۇنيادا چېچى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى جۇڭگولۇق شيې چيۇپىڭ خانىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا يازما ئىسپاتلار بار. 2004–يىلى 8– ماي ئۆلچىگەندە ، ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.62 مېتىرغا يەتكەن . چيۇپىڭ خانىم 1973–يىلى 13 يېشىدىن باشلاپ چېچىنى قويۇۋەتكەن.
 
 
ئاتلىق ئۆرە مېڭىلغان ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىق
 
   2009–يىلى ئاپرېل ، ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە Gregory Ancelotti ئۆزىنىڭ ئېتىنى مىنىپ ، ئاتنى ئارقا پۇتچىلاپ ئۆرە پېتى 95 فۇت بەش ديۇيم (تەخمىنەن 29 مېتىر) ئارىلىققا ماڭغۇزغان.
 
 
ئەڭ ئۇزۇن بوغما يىلان
 
   نۆۋەتتە ، كىشىلەر تۇتۇۋالغان دۇنيادىكى تېنى ئەڭ ئۇزۇن يىلان—ئامېرىكا ئوخېئو ئىشتاتىدىكى بىر ھايۋانات باغچىسىدا ياشاۋاتقان 7.32 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بوغما يىلان بولۇپ ، تورسىمان يوللۇق بۇ بوغما يىلان ‹‹Fluffy›› (تىۋىت دېگەن مەنىدە)  قەپەستىكى يىلانلارنىڭ ‹‹ئۆمۈر چولپىنى›› دەپ قارالغان .
 
 
ئەڭ قالتىس ئۇچار پىچاقچى
 
   ئامېرىكىلىق  داۋىد 2007–يىلى 26–دېكابىر نيۇيوركتا ئويۇن قويغاندا ، بىر مىنۇتتا شېرىكىنىڭ بەدىنى ئەتراپىغا 102 پىچاق سانجىغان .
 
 
ئەڭ ئۇزۇن پۇكەي
 
    ئامېرىكا ئوخېئو ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي بات ئارىلىدىكى بىر قاۋاقخانىنىڭ پۇكىيى 123.7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن پۇكەي دەپ ئاتالغان.
 
ئەڭ يۇقىرى قىيىنلىقتىكى سېرك ئويۇنى
 
   2009–يىلى 18–ئاپرېل ، موڭغۇلىيەلىك IonaOyungerel ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە يۇقىرى قىيىنلىقتىكى ئېگىلىش ھەرىكىتىنى 50 سېكۇنت داۋاملاشتۇرۇشتەك ئەڭ ئۇزۇن رېكورتنى ياراتقان.
 
 
دۇنيادىكى تىلى ئەڭ ئۇزۇن ئىت
 
   Puggy ئىسىملىك بۇ تىمبا ئىتىنىڭ تىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 11.43 سانتىمېتىر بولۇپ ، دۇنيادىكى تىلى ئەڭ ئۇزۇن ئىت دەپ ئاتالغان.
 
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(25)
58.1%
ئالقىشلايمەن
(18)
41.9%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • «يۈزى يوق ئادەم» يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    يۈزى يوق دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە... شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ي...

  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...

  • دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەر

    ماشساررا دەرىخى ، ئامېرىكا نېرۋانا شىتاتى 4800 يىللىق تارىخقائىگە سەئىد ئاباكۇ دەرىخى ئىران 4000 يىل باتاگونىيا دەرىخى چىلى 3600 يىل Jardine Juniper قارىغاي دەرىخى ئامېرىكا يۇتا شىتاتى 3200 يىل پاترىياك فلورېستا دەرىخى برازىلىيە 3200 يىل ئاق ئات دەرىخى سى...

  • ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

    ئەنگىلىيە ئەينەك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2010-يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان (ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئەڭ ياخشى)شەھەرلەر تىزىملىكى : 1. ميۇنخېن 2. كوپىنھاگېن 3. سيۇرىخ 4. توكيو 5. خېلىنىسكىي 6. ستوكھولىم 7. پارىژ 8. ۋېنا 9. مىلبۇرن 10 ....

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش

    1. ئىتالىيىدىكى پىسا يانتۇ مۇنارى 2. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاستانە دەرۋازىسى 3. گوللاندىيىدىكى ۋوزوك تۇرالغۇسى 4. گرىتسىيىدىكى بوشلۇق ئىبادەتخانىسى 5. ياۋروپا دەرۋازىسى ئىسپانىيە مادرىد 6. روسىيىدىكى ؟ ؟ ؟ 7. ئاسترا بىناسى گېرمانىيە ھامبۇرگ 8. تاكاسۇك...

  • دۇبەيدىكى ئاپتوماتىك ئالتۇن ئېلىش ماشىنىسى

    ...

  • سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسمى

    ...

  • ئوبامانىڭ نۇتقى نېمىدىگەن زېرىكىشلىك ؟!

    يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مېچىگان شىتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ، زۇڭتۇڭنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى (ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭدا)باشتىن-ئاخىر مۈگدەپ ياكى ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بىغەم بالادېگەن نام بىلەن توردا بىر...