5-ئۆكتەبىر، خەينەن سەنيا، 30-سېنتەبىردىن باشلاپ توختىماي ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سەنيا شەھىرى دەرياغا ئايلاندى. قاتناش ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، شەھەرنىڭ 23 يېرىدىكى يىغىلغان سۇنىڭ ئۆلچەنگەندىكى مىقدارى 200 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى. خەينەن ئۆلكىسى مىترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ 5-ئۆكتەبىر سائەت 11 دە ئېلان قىلغان ھاۋا رايىدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ كەشكىچە، سەنياغا تۇتاشقان خەينەن ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا يەنىلا بۇلۇتلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، 6-7 ئۆكتەبىردە بۇ يەردە يەنە قاتتىق يامغۇر يېغىشى مومكىن ئىكەن.