ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

گۈيجۇدا تاغ گەۋدىسى سېيرىلىپ تۈمۈر يول توسۇلۇپ قالدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ07-كۈنىمەنبە:nur.cn تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
6-ئۆكتەبىر ئەتىگەن، گۈيجۇنىڭ توڭزى ناھىيەسىدىكى تاغ سېرىلگەن نەق مەيداندا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى جىددىي لاي-تاش ئېقىنى بېسىۋالغان سىچۈن گۈيجۇ تۆمۈر يولىنى ئوڭشىماقتا. شۇ كۈنى ئەتىگەن، ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە تاغ سېيرىلىپ چۈشۈپ سىچۈن گۈيجۇ تۆمۈر يولى ت
  



6-ئۆكتەبىر ئەتىگەن، گۈيجۇنىڭ توڭزى ناھىيەسىدىكى تاغ سېرىلگەن نەق مەيداندا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى جىددىي لاي-تاش ئېقىنى بېسىۋالغان سىچۈن گۈيجۇ تۆمۈر يولىنى ئوڭشىماقتا. شۇ كۈنى ئەتىگەن، ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە تاغ سېيرىلىپ چۈشۈپ سىچۈن گۈيجۇ تۆمۈر يولى توسۇلۇپ قالغان، 500 دىن كۆپرەك جىددىي خەۋىپتىن قۇتقۇزۇش خادىمى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ يولنى راۋانلاشتۇرغان. 5-ئۆكتەبىر، توىتىماي ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە گۈيجۇ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرىدىكى توڭزى ناھىيىسى داخې بازىرىدا تاغ گەۋدىسى سېرىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، سىچۈن گۈيجۇ تۆمۈر يولى داخې بازىرى بۆلۈكى توسۇلۇپ قالغان، بىر قىسىم يۈك پويىزلىرى ۋاقتىنچە توختىلدى ۋە ئاز بىر قىسىملىرى باشقا يول لېنيىلىرىگە ئالماشتۇرۇلدى. 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!