ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىتالىيە زۇڭلىسىنىڭ مېيىدىن ياسالغان سوپۇن بارلىققا كەلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:nur.cn تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
ئىتالىيە زۇڭلىسى بىريوۋېسكىي ئەنگىلىيە كۈندىلىك تېلىگىراف گېزىتى 8-ئۆكتەبىر خەۋرى، شۋېيتسارىيە سيۇرىخ ھازىرقى زامان مۇزېيخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيە زۇڭلىسى بىريوۋېسكىينىڭ مېيىدىن ئىشلەنگەن سوپۇننى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتق
  

 

ئىتالىيە زۇڭلىسى بىريوۋېسكىي
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلىگىراف گېزىتى» 8-ئۆكتەبىر خەۋرى، شۋېيتسارىيە سيۇرىخ ھازىرقى زامان مۇزېيخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيە زۇڭلىسى بىريوۋېسكىينىڭ مېيىدىن ئىشلەنگەن سوپۇننى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىريوۋېسكىينىڭ مېيىدىن ئىشلەنگەن سوپۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە رەڭگى ئادەتتىكى سوپۇنلاردىن قېلىشمايدىكەن. بۇ سوپۇننى ئىشلىگۈچى ئىتالىيەلىك سەنئەتكار جېننىي.موتى بولۇپ، ئۇ شۋېيتسارىيەدىكى بىر داڭلىق ھۆسۈن تۈزەش مەركىزىدىكى بىر ئىشلەمچىدىن بىريوۋېسكىينىڭ مېيىنى قولغا چۈشۈرگەن ئىكەن. ئىگىلىنىشچە بۇرۇن بىريوۋېسكىي مۇشۇ سۆسۈن تۈزەش مەركىزىگە كىلىپ ئورۇقلاش ئۈچۈن مېيىنى تارتقۇزغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە بۇ سوپۇننى ئىشلەپ چىقارغۇچى جېننىي.موتى بۇ سوپۇنغا «پاكىزە قول» دەپ ئىسىم قويماقچى بولغان. ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىتالىيەدىكى چىرىكلىك ۋە قارا قوللار پارتىيىسىگە ۋە زۇڭلى بىريوۋېسكىيغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.
بىريوۋېسكىي 2004-يىلى بۇ سۆسۈن تۈزەش مەركىزىگە كىلىپ ماي تارتقۇزغان بولۇپ، بۇ مەركەزنىڭ باشلىقى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ سوپۇن ئىشلەپ چىقارغۇچى سەنئەتكارغا بىريوۋېسكىينىڭ مېيىنى ساتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، سيۇرىخ ھازىرقى زامان مۇزېيخانىسى شۋېيتسارىيەدىكى بىر شەخسىي نەرسە كېرەك ساقلايدىغان كىشىنىڭ يېنىدىن بۇ سوپۇنغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ سوپۇننى ساقلىغۇچى 2005-يىلى يۇقىرى باھادا سوپۇننى سېتىۋالغان ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!