ياپونىيە تەرەپ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلغان كاپىتان ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
شىنخۇا تورى ، فۇجۇ 25–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : 25–سېنتەبىر سەھەر سائەت 4 دە ، ياپونىيە تەرەپ 17 كۈن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىۋالغان جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ كاپىتانى جەن چىشيۇڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ فۇجۇغا قايتىپ كەلدى . بۇنىڭ بىلەن ، 7–سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ دىياۋيۈي ئارىلىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ياپونىيە تەرەپ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىۋالغان 15 نەپەر كېمە خادىمىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھالدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى .
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ كەسكىن ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : دىياۋيۈي ئارىلى ۋە بۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ خاس زېمىنى بولۇپ ، جۇڭگو بۇنىڭغا قارىتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە . ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو بېلىقچىلار كېمىسىنى تۇتقۇن قىلىۋېلىشى ، تەكشۈرۈشى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەر قانداق شەكىلدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ھەمدە ئىناۋەتسىز . ياپونىيە تەرەپ چوقۇم بۇ ۋەقەگە قارىتا جۇڭگو تەرەپتىن كەچۈرۈپ سورىشى ھەمدە تۆلەم تۆلىشى كېرەك .
جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى خادىملارنى دىياۋيۈي ئارىلىدا ياپونىيە تەرەپنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىۋېلىش ۋەقەسى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان . جۇڭگو ھۆكۈمىتى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ھەمدە شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى تەۋرەنمەس مەيدانى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ، كۆپ قېتىم ياپونىيە تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆھبەتلىشىپ ، ياپونىيەنى ۋەقەنى تېزدىن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان . جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتىمۇ بۇ ۋەقە سەۋەبلىك سىناققا دۇچ كەلگەن .

7–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، ياپونىيە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش نازارىتىنىڭ چارلىغۇچى كېمىسى دىياۋيۈي ئارىلىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىمىزنىڭ فۇجيەن تەۋەلىكىدىكى بېلىقچىلىق كېمىسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن . ئارقىدىن ، ياپونىيە تەرەپنىڭ چارلىغۇچى كېمىسى جۇڭگو تەرەپنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىنى توسۇۋېلىپ ، 8–سېنتەبىر ، بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قانۇنسىز قولغا ئالغان . 10–سېنتەبىر ، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا كېندىكى ئىشىگاكى ئاددىي سوت قىلىش مەھكىمىسى كاپىتان جەن چىشيۇڭنى 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشنى تەستىقلىغان . 19–سېنتەبىر ، ياپونىيە تەرەپ كاپىتاننى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .