قىرغىزىستاندا 2010-يىلى 4-ئايدا زوراۋانلىق توقۇنىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 400 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، 370 مىڭ 500 ئادەمنىڭ سەرگەردان بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ھالىتى ئىنتايىن قاتتىق بولدى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى كىرزىس پارتىلىغاندىن كېيىن جىددىي ھەركەت قوللىنىپ، جەنۇبىدىكى توقۇنۇش رايونىدىكى 550 مىڭ ئاپەت ئاممىسى ھەمدە باشقا رايونلاردىكى 300 مىڭغا يېقىن ئاجىز كىشىلەر توپىغا 20 مىڭ توننىغا يېقىن ئاشلىق ياردىمى تەمىنلىگەن. ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2010-يىلى قىرغىزىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىغا 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان.
دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ 2010-يىلى 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، قىرغىزىستان ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ھەر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇپ بەرگەنلىكىنى، ھەركەت كۆلىمى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر ئورگان قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇش رايونىدىكى 240 مىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ھەمدە مەملىكەتنىڭ 6 ئۆلكىسىدىكى 380 مىڭ ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىۋېتىپتۇ.
2011-يىلدا، ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئاشلىقى خەتەرلىك ھالدا تۇرغان ئاممىغا ياردەم بېرىدىكەن، بىرلا ۋاقىتتا يەرلىك يېزا ئىگىلىك شېركىتى ۋە ئاشلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى قوللايدىكەن.
ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەركىتى 2008-يىلدىن باشلانغان، ئەينى چاغدا ئۇزۇن مۇددەت ئاچ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بەرگەن.