
2011 ــ يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتتىق سوغۇققا قارىماي بېيجىڭ شەھىرىدە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ، ئاساسىي قاتلام كادىر ئاممىسىنى يوقلىدى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى .
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ھەر ۋاقىت كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەستىن چىقارمىدى . 29 ــ دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ، ئۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە بېرىپ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى شۇنداقلا كۆپچىلىككە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى .


