شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – دېكابىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق بانكىسى 25 – دېكابىر كەچتە 2010 – يىل 26 – دېكابىردىن باشلاپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا خەلق پۇلىنىڭ ئامانەت ۋە قەرز پۇل تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ بىر يىللىق ئامانەت ۋە قەرز پۇل تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئايرىم – ئايرىم %0.25 پوئېنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۆسكەندىن كېيىنكى بىر يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %2.75 بولىدىكەن؛ بىر يىللىق قەرز پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %5.81كە ئۆسىدىكەن. باشقا ھەر دەرىجىدىكى ئامانەت، قەرز پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ماس ھالدا تەڭشىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يىللىق، ئۈچ يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %0.3 پوئېنت ئۆسىدىكەن. بەش يىلدىن ئارتۇق ئامانەت پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %0.35 پوئېنت بولىدىكەن.
بۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 2 – قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى شۇنىڭدەك مەركەز مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ئىكەن.