جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل ۋە قەرز پۇل تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى 26 - دېكابىردىن باشلاپ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان . بىر يىللىق مۇددەتتىكى ئامانەت پۇل ۋە قەرز پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەيدىغان بولۇپ ، باشقا ھەر خىل ئادەتتىكى ئامانەت پۇل ۋە قەرز پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىمۇ مۇناسىپ تەڭلىشىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، يېقىنقى مەزگىلدە گەرچە ئۆي - زېمىن ، بانكا ساھەسى جانلانغان بولسىمۇ ، لېكىن پۇل پاخاللىقى دەۋرى سەل ئېغىرراق بولدى ، كېلەر يىلى ئىناۋەتلىك قەرز قىسىلىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي - زېمىن كەسپىدىمۇ قىسىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . شۇڭا پاينىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە ئانچە كۆپ شارائىت يارىتىلمايدۇ . پاي بازارلىرىدا قىسقا مەزگىل پاي باھاسى تۆۋەنلەيدۇ . موشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، كېلەر يىلى ئۆينىڭ باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن .