— ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى ۋېينى زىيارەت
ياڭ يىڭچۇن
شەھەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار 2 مىليون 300 مىڭ كىشى مەنپەئەتلەندى
مۇخبىر: ۋاقىتلىق باھا تولۇقلىمىسىدىن قانچىلىك كىشى مەنپەئەتلىنىدۇ؟
لى ۋېي: ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلەردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك 861 مىڭ كىشى ۋە نەپىقە بېرىلىدىغان 30 مىڭ كىشىنىڭ ھەربىرىگە 80 يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ؛ يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك 1 مىليون 299 مىڭ كىشىنىڭ ھەربىرىگە 40 يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ؛ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان 109 مىڭ كىشىنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ. ۋاقىتلىق باھا تولۇقلىمىسىدىن شەھەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ كىشى مەنپەئەتلىنىدۇ.
ۋاقىتلىق باھا تولۇقلىمىسى يېڭى يىلدىن بۇرۇن قىيىنچىلىقى بارلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ
مۇخبىر: ۋاقىتلىق باھا تولۇقلىمىسى قاچان تارقىتىپ بېرىلىدۇ؟
لى ۋېي: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋاقىتلىق باھا تولۇقلىمىسى يېڭى يىلدىن بۇرۇن قىيىنچىلىقى بارلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ تولۇقلىما قىيىنچىلىقى بار 2 مىليون 300 مىڭ كىشىگە تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، خىزمەت مىقدارى ناھايىتى چوڭ. ھازىر جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋاقىتلىق باھا تولۇقلىمىسىنى قىيىنچىلىقى بارلارغا يېڭى يىلدىن بۇرۇن تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بايرامنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ياردەم پۇلى ئۇدا توققۇز قېتىم ئۆستۈرۈلدى
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ياردەم پۇلىنى قانچە قېتىم ئۆستۈردى؟
لى ۋېي: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون 2005 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلىنى سەككىز قېتىمدا جەمئىي 91 يۈەن ئۆستۈردى. 15 – ئىيۇلدىن 16 – ئىيۇلغىچە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئاھالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، شەھەرلەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلىنى بىر قېتىمدىلا 30 يۈەن ئۆستۈرۈش، شەھەرلەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلىنى 185 يۈەنگە يەتكۈزۈش قارار قىلىندى. بۇ، شەھەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ياردەم پۇلىنى توققۇزىنچى قېتىم ئۆستۈرۈش بولۇپ، ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىرقېتىملىق تولۇقلىما بېرىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تۆۋەن كىرىملىكلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 29 – نويابىر 16 – قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئېچىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى قاتارلىقلارغا ۋاقىتلىق باھا تولۇقلىمىسى بېرىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى.
تۇرمۇش ياردەم پۇلى باھانىڭ ئۆسۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ
مۇخبىر: باھانىڭ ئۆسۈشى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟
لى ۋېي: بۇنىڭدىن كېيىن، نازارىتىمىز كىرىمى تۆۋەن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ باھانىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندا باھانىڭ ئۆسۈشىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى تاۋارلار ياكى مۇلازىمەت باھاسى زوردەرىجىدە ئۆسۈپ كەتسە، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى باھا كۆرسەتكۈچى تېز ئۆسۈپ كېتىش سەۋەبىدىن بىرقەدەر چوڭ تەسىرگە ئۇچرىسا تۆۋەن كىرىملىكلەرگە باھا تولۇقلىمىسى تارقىتىلىدۇ؛ باھا ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش سەۋەبىدىن باھا كۆرسەتكۈچى كەڭ كۆلەمدە ئۆسسە، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ۋە ياردەم پۇل سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، نازارىتىمىز باھانىڭ ئۆسۈشىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئاپتونوم رايوندا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە باشقا مەخسۇس تۈردىكى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش تۈزۈمى دائىرىسىدە بولمىغان، لېكىن پەۋقۇلئاددە سەۋەب تۈپەيلىدىن، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ئائىلىلەرگىمۇ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش – ياردەم پۇلى بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.