29–نويابىردىن 30–نويابىرغىچە ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىللىرى بېيجىڭدا 14–قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ؛ زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئالدىنقى ئايدا ۋېيتنامنىڭ خانويدا ھىندىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشكەندە ، يىل ئاخىرىدا ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى . ئەكسىچە ، ھىندىستان ھەربىي تەرەپ ئارقا–ئارقىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلدى : يەنى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چېگرىسىدىكى تالاش–تارتىش قىلىنىۋاتقان ‹‹ ئارۇناچالبان ›› ( شىزاڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايون ) دا بىر 5000 كىشىلىك چارلىغۇچى قىسىم قۇرغاندىن باشقا ، 22–نويابىر ، ھىندىستان ئارمىيەسى جۇڭگو–ھىندىستان چېگرىسىدا يېڭىدىن تاغلىق رايوندا ئۇرۇش دىۋىزىيەسىدىن ئىككىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . بۇنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇ ئىككى دىۋىزىيەنىڭ ‹‹ ئارۇناچالبان ›› نى قوغداش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، ئەلۋەتتە .
ھىندىستاننىڭ تاغلىق رايون ھەربىي قىسمى قارلىق تاغدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە ( ماتېرىيال سۈرەت )
جۇڭگو–ھىندىستان چېگرا مەسلىسى سۆھبىتى 23–نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، جۇڭگو دىپلوماتىيە باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، جۇڭگو–ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ 29– نويابىردىن 30–نويابىرغىچە بېيجىڭدا 14 قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان . جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى دەي بىڭگو ۋە ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مېنون بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە قاتنىشىدىكەن .
ھىندىستاندىكى ترۇست گېزىتى 24–نويابىر ئوبزور ئېلان قىلىپ ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ چېگرا مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ۋېيتنامنىڭ خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي–جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇچرىشىشىدا ، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگنىڭ جۇڭگو زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ بۇ مەسلە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مەسلىسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .