سىز 2025-يىلى بىزنىڭ قانداق ئايروپىلاندا ئولتۇرۇدىغانلىقمىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) بىزگە ئەڭ يېڭى جاۋابتىن بىرنى بەردى! ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ناسا يېقىندا ئۈچ خىل ئايروپىلاننىڭ چېرتيوژنى ئېلان قىلغان. چېرتيوژنى كۆرگەن كىشىلەر ئۆزىنى بىلمىگەن ھالدا خۇرسىنىشقان. بۇ راستىنلا بىر ئولتۇرۇدىغان ئايروپىلانمۇ؟ بەك پەيزىكەن، بۇ فانتانزىيەلىك فىلملەردىكى ئايروپىلانلارغا ئوخشايدىكەن! دىيىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ناسا لۇكخىيد مارتىن، نورسىپ گرومەن شۇنداقلا بوئىن شىركىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ چوڭ ھاۋا يوللىرى سودىگەرلىرى ئايروپىلان لايىھەلەش توختامى تۈزۈپ، 2025-يىلىدىكى يولۇچى توشۇش ئايروپىلانىنى ئايروپىلان ياساش سودىگەرلىرى بىرلىشىپ ياساپ چىقىشنى پىلانلىماقتا. ناسا توختامدا 2025-يىلىدىكى يېڭى ئايروپىلاندا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يېشىللىق گەۋدىلەنگەن بۇلۇشى، ھازىرقى يولوچىلار ئايروپىلانلىرىدىنمۇ بەك ماي تېجەيدىغان، يەنە ھەم چوڭ، ھەم تېز، ھەم شاۋقۇنسىز بۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.