جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى تېلىگىراممىسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 5 قېتىملىق ئاپتوموبىل پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دىگەندىمۇ 6 ئادەم ئۆلۈپ، 29 ئادەم يارلانغان.
ئىراقتا يىقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم پارتىلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تىكىرىتتا، 20-كۈنى ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھەر كاربالادا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارتىلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 200 دىن كۆپرەپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.