خۇ جىنتاۋ قارشى ئېلىش زىياپىتىدە سۆز قىلماقتا
29–يانۋار ، خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دوستلۇق ئۆمەكلىرى ئۇيۇشتۇرغان قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىپ ، مۇھىم سۆز قىلدى .
قارشى ئېلىش زىياپىتى خۇ جىنتاۋ چۈشكەن مارىيوت (Marriott) مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . شۇ جاي ۋاقتى 12:30 ئەتراپىدا ، خۇ جىنتاۋ مەملىكەتلىك ئامېرىكا–جۇڭگو سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇ تەيكاڭ ۋە مەملىكەتلىك جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارلا ھىلىسنىڭ (Carla Hills) ھەمرالىقىدا زىياپەت زالىغا كىردى .
قىزغىن ئالقىش ساداسىدىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ ‹‹ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ، ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ پايدا بېرىدىغان جۇڭگو–ئامېرىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش›› تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى .
خۇ جىنتاۋ قارشى ئېلىش زىياپىتىدە سۆز قىلماقتا
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى . ئىككى دۆلەت خەلقى بىرلەشكەندە چوقۇم ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ، ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ پايدا بېرىدىغان جۇڭگو–ئامېرىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقىلى بولىدۇ .
يىغىندا ، ئامېرىكا–جۇڭگو سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇ تەيكاڭ ۋە مەملىكەتلىك جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارلا ھىلىس ، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گېرىي لوك (Gary Locke) ، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىڭگېر قاتارلىقلار ئىلگىرى –كېيىن سۆز قىلىپ ، خۇ جىنتاۋنىڭ زىياپەتكە قاتناشقانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيىتتى .
ۋاڭ چىشەن ، لىڭ جىخۇا ، ۋاڭ خۇنىڭ دەي بىڭگو قاتارلىقلار بىرلىكتە زىياپەتكە قاتناشتى .
بۇ زىياپەتنى مەملىكەتلىك ئامېرىكا–جۇڭگو سودا كومىتېتى ، مەملىكەتلىك جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كومىتېتى قاتارلىق دوستلۇق ئۆمەكلەر بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ، دوستلۇق ئۆمەكلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقىلار بولۇپ جەمئىي 600 ئادەم قاتناشتى .