ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئورۇنلاشتۇرغان ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ ئالىمجان ئىش–ئىزلىرى ›› سەھنە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى 21 ــ يانۋار چۅشتىن كېيىن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرحانىسىدا ئۉتكۈزۈلدى . بۇ مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرپپىسنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن نازىر ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقى كامىل تۇرسۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ شۇجىسى جاڭ جىيەنشىن ، مەدەنىيەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسنىڭ باشلىقى ۋاڭ شۇشىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى .



بۇ ئەسەر ‹‹ مۇھاببەت قانچە چوڭ بولسا ، دۇنيامۇ شۇنچە چوڭ ›› ناملىق ناخشا ؛ ‹‹ قەلبتىكى جەننەت ›› ناملىق ‹‹ قوش تىل›› لىق ئىتوت ؛ ‹‹ ياخشى كىشى ئالىمجان ›› ناملىق مۇزىكىلىق دىكلاماتسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئالىمجان خالىقنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ ، تاپقان پۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خەير–ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتكەنلىكى ، بولۇپمۇ كاۋاپچىلىق قىلىپ تاپقان پۇللىرىنى ئوقۇشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىپ ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىش–ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن . ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ شۇجىسى جاڭ جىيەنشىن مۇنداق دېدى : ‹‹ بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۉلۈمىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ، مەدەنىيەت نازارىتى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تەتقىقات ئىشخانىسى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىر ئۆمىكىدىكى خادىملارنىڭ تىرىشىپ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئالىمجان روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ئەسەر روياپقا چىقتى ، چاغاننىڭ ئالدى–كەينىدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ ›› .







