ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى

2010-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
    بۇ ھازىر قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ بىناسى بولۇپ ، نۆۋەتتە ، قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتۈپ ، بېزەش باسقۇچىغا كىرگەن .     شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى بىناسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ ، ئ
  

    بۇ ھازىر قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ بىناسى بولۇپ ، نۆۋەتتە ، قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتۈپ ، بېزەش باسقۇچىغا كىرگەن .

    شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى بىناسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 486 مېتىر ، كەڭلىكى 130.5 مېتىر كېلىدۇ . كۆرگەزمە مەركىزى بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن ، يىغىن  ، كۆرگەزمە ، سودا كېڭىشى ، چوڭ تىپتىكى يىغىلىش ، تەبرىكلەش مۇراسىمى قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغان ،  كۆپ خىل ئىقتىدارلىق شىنجاڭدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالىدىكەن . كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئىچى –سىرتىغا 8000 دىن ئارتۇق چوڭ–كىچىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ ، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى ھەر خىل چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدىكەن .

    شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى تۈرىنى لايىھەلەشنىڭ قىيىنلىقى ۋە ئادەملەرنى سىغدۇرۇش كۆلىمى جەھەتتە مەملىكىتىمىزدىكى ئوخشاش تۈردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ ، بۇ قۇرۇلۇشتا ‹‹ چاڭگا ›› ، بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومى ، شاڭخەي يەر شارى مەركىزى قاتارلىق ئىلغار قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلۇش تەجرىبىسى ئىشلىتىلگەن . بۇ قۇرۇلۇشتا 2009–يىلى 3–ئاينىڭ 29–كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ ، 2011–يىلى 5–ئايدا سىناق ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان . 2011–يىلى ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا ، ياۋروپا تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر