ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما››نەشردىن چىقتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
جاڭ چۈنشيەن ، لېڭ رۇڭ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى ، نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى   يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش     چېڭ لىشىن خەۋىرى : مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت – ماتېرىيال تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكتە تۆت يىل سە
  

جاڭ چۈنشيەن ، لېڭ رۇڭ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى ، نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 
يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت – ماتېرىيال تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكتە تۆت يىل سەرىپ قىلىپ تۈزگەن ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى. ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› نىڭ نەشردىن چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن 28 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت – ماتېرىيال تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېڭ رۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› غا ئاساسلىقى 1949 – يىلى 8 – ئايدىن 2010 – يىلى 5 – ئايدىكى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانغا قەدەر بولغان مەزگىلدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەتلىرى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومېتىت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ھەم يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرى، تەستىقى ۋە تېلېگراممىلىرى بولۇپ جەمئىي 600 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان 148 پارچە ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

 
جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› نى تۈزۈپ نەشر قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى، فاڭجېنى، پرىنسىپى ۋە چوڭ تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىشى، تونۇشى، ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن چىقارغان چوڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› نى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ئەسلىي ئەسەرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇشى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش تەشكىللەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى؛ ‹‹ھۆججەتلەردىن تاللانما›› نى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹ھۆججەتلەردىن تاللانما›› نى ئۆگەنگەنلىكى، قوللانغانلىقىغا ئائىت جانلىق مىساللار ۋە تىپىك شەخسلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ھۆججەتلەردىن تاللانما›› نى تەشۋىق قىلىشنى ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن، كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈدىغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ‹‹ھۆججەتلەردىن تاللانما››نى ئۆگىنىشنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى بىلەن، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئەلا بىلىش ئېڭى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، زېھنىمىزنى تەرەققىياتقا قارىتىپ، كۆڭلىمىزنى ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا قويۇپ، قىزغىنلىقىمىزنى خىزمەت ئىشلەشكە قارىتىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزە يارىتىش كېرەك.

 
مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت – ماتېرىيال تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېڭ رۇڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

    لېڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› غا كىرگۈزۈلگەن قىممەتلىك ھۆججەتلەر ماۋ زېدوڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئاساسى. بىز ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› نى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىشىمىز كېرەك.

    يىغىندا، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت – ماتېرىيال تەتقىقات ئىشخانىسى ئىشخانا ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ‹‹شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت ھۆججەتلەردىن تاللانما›› تەھرىر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خۇڭجى بۇ كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر