20–ئۆكتەبىر فىرانسىيە ليوندىكى ئىش تاشلىغانلار بىر ماگىزىننى بۇلىماقتا
فىرانسىيە ئالىي پالاتاسىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇل تۈزۈمىنى قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلاش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئىش تاشلاش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، لىئوندا ياشلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى ؛ مارسېلدا نامايىشچىلار ئايرودرومنى 5 سائەتكىچە قورشىۋالدى.
10ياشلىق بالا نوقۇنۇشتا قولغا ئېلىندى
21–ئۆكتەبىر سەھەردىن باشلاپ لىئوندا توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن بولۇپ ، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان . 18ياشلىق بىر قىز ئوقۇغۇچى دۇكدنغا ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، بىر ئايلىق قاماققا ئېلىنغان .
فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مېنىستىرى خورتېفو : ھازىرغا قەدەر فرانسىيە ساقچى تەرەپ 1900ئادەمنى قولغا ئالدى ، بۇنىڭ ئىچىدە 10ياشلىق كىچىك بالىمۇ بار دېدى.
نۆۋەتتە ، فىرانسىيە ئارمىيەسى كوچىدا ئەخلەت تازىلاۋاتىدۇ
مارسېل شەھىرىدە نامايىشچىلار ئايرودرومنى 5 سائەتكىچە قورشىۋېلىپ ئايرودرومغا تۇتىشىدىغان قاتناش يوللىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە توسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ھۆكۈمەت ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ يولنى راۋانلاشتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە تازىلىق ئىشچىلىرىمۇ نامايىشقا قاتناشقانلىقتىن ، ھۆكۈمەت ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىپ كوچىدىكى ئەخلەتنى تازىلاشقا مەجبۇر بولغان .
مالىيەدىكى قىزىل رەقەمنى تۈگىتىپ ، قەرز كىرىزىسىگە دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئىش تاشلىشىغا سەۋەبچى بولغان ، پېنسىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم چىقىمنى قىسقارتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ قانۇن لايىھىسىدە فىرانسىيەدىكى پېنسىيەگە چىقىش يېشى 60 ياشتىن 62 ياشقا ، تولۇق ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان ياش چەكلىمىسى 65 ياشتىن 67 ياشقا كۆتۈرۈلگەن.
ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق بېسىمى تۈپەيلى ، فىرانسىيە پارلامېنتى 22–ئۆكتەبىر پېنسىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قانۇنىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېلەت تاشلايدىكەن.
مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى دېلبورت :‹ ھۆكۈمەت مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىدى ، بىز چوقۇم كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك ›دەپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.



