ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسپانىيەدە مەملىكەت بويىچە چوڭ ئىش تاشلاندى

2010-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    ئىسپانىيە ئىشچىلار كومىتېتى بىلەن باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىسپانىيەدىكى ھەر ساھە ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى بىرلىكتە 29–سېنتەبىر بىر كۈنلۈك مەملىكەت بويىچە چوڭ ئىش تاشلاپ ، ھۆكۈمەت ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان 2011–يىللىق مالىيە يىلى خام چ
  

    ئىسپانىيە ئىشچىلار كومىتېتى بىلەن باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىسپانىيەدىكى ھەر ساھە ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى بىرلىكتە 29–سېنتەبىر بىر كۈنلۈك مەملىكەت بويىچە چوڭ ئىش تاشلاپ ، ھۆكۈمەت ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان 2011–يىللىق مالىيە يىلى خام چوت لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ، مەمۇرىلارنىڭ مائاشىنى قىسقارتىش ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى توڭلىتىش قاتارلىق مالىيە چىقىمىنى قىسقارتىش سىياسىتىگە قارشى تۇردى . 

    بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىساد قىيىن ئەھۋالدا ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى ، مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە ئاممىۋى قەرزنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پارتىلغان بولۇپ ، بۇ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى ساپاتېرو ھوقۇق تۇتقان يەتتە يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك چوڭ ئىش تاشلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!