4-ئۆكتەبىر، سرلانكا سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى فونسېكانى (ئوتتۇردا) ساقچىلار يالاپ كولۇمبو يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىلدى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە تەسلىم بولغان قۇراللىق تەشكىلات ئادەملىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئاق بايراق دېلوسى» سوت قىلىندى. فونسېكا ئۆتكەن يىلى شۇ يەردىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سرلانكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تامىل ئىرام يولۋىسى ئازادلىق تەشكىلاتى ( يولۋس ئازادلىق تەشكىلاتى) بىلەن بولغان توقۇنۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ يولۋىسى ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاق بايراق چىقىرىپ تەسلىم بولغان ئادەملىرىنى ئېتىۋېتىشكە بويرۇق چۈشۈرگەەنلىكىنى ئاشكارلىغان. كولۇمبو يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى بايانىغا ئاساسەن ئۇنى «زوراۋانلىق ۋە ئېرىقىي ئۆچ ئېلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلىغان.
4-ئۆكتەبىر، فونىسكانىڭ ئايالى ئارنۇما ۋە بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن توپلانغان ئامما بىرلىكتە كولۇمبىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.