5-ئۆكتەبىر، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپىشتقا 150 كىلومېتى كېلىدىغان بىر كەنتتىكى زەھەرلىك پاتقاقنى تازلىماقتا.
ۋېنگرىيەنىڭ غەربىدىكى بىر ئاليۇمىن زاۋۇتىدا زەھەرلىك كېرەكسىز سۇ ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ۋەقەدە 3 ئادەم قازا قىلدى، 120 ئادەم يارلاندى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاليۇمىن زاۋۇتىدىكى زەھەرلىك كېرەكسىز سۇ ساقلايدىغان كۆلچەك يار ئېلىپ كېتىپ، تەخمىنەن 700 مىڭ كۇپ مېتىر زەھەرلىك كېرەكسىز سۇ يېقىن ئەتراپتىكى 3 كەنت بازارغا ئېقىپ كىرىپ، 450 كورپۇس ئۆينى بېسىۋالغان، تەركىبىدە ئېغىر مېتاللار بار بولغان كۈچلۈك ئىشقارلىق زەھەرلىك كېرەكسىز سۇ كىشىلەرنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۋەتكەن، شۇ جايدىكى ئامما ئۆيىنىڭ ئۆستىگە چىقىۋېلىپ قۇتقۇزۇشنى كۈتمەكتە.