ھىندونېزىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە10-ئاينىڭ20-كۈنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئامما نامايىش قىلىپ،پىرىزدېنت سۇسىلو يۇدخويونونىڭ ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىغا قارشىلىق بىلدۈدى
ھىندونېزىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە10-ئاينىڭ20-كۈنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئامما نامايىش قىلىپ،پىرىزدېنت سۇسىلو يۇدخويونونىڭ ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىدا ھەر قايسى ساھەلەردە ياخشى نەتىجە ئېرىشەلمىگەن سىياسىي ئىپادىسىگە قارشىلىق بىلدۈدى.
نۇرغۇن جايلاردىكى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار كەسكىن توقۇنۇشتى،نامايىشچىلار تاش ۋە كالتەكلەر بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى،ساقچىلار بولسا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سۇ توپى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى،شۇنىڭ بىلەن توپىلاڭغا ئۆزگىرىپ كەتتى،ئەمما ساقچىلار پۈتكۈل ۋەزىيەتنى كونترول قىلدى.
نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ،يەنە ئىشچىلار ۋە ھەرقايسى قاتلامدىكى زاتلارمۇ بار ئىكەن.ئاساسلىق نامايىش نۇقتىسى پىرىزدېنت مەھكىمىسى ئەتراپىدىكى رايونلار بولغان.10-ئاينىڭ19-كۈنى،پىرىزدېنت مەھكىمىسىنى يەرلىك دائىرىلەر تىكەنلىك سىم تور بىلەن قورشاپ،مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
گەرچە كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى يۈز بەرگەن بولسىمۇ،پىرىزدېنت سۇسىلو مەھكىمىدە ئادەتتىكىدەك ئىش بېجىرگەن.تەخمىنەن2000نامايىشچى پىرىزدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلغان.نامايىشچىلار كۆيۈۋاتقان بالون ۋە ياغاچلار بىلەن يولنى توسىۋالغان،ئەمما سقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى،كالتەك ۋە سۇ توپى بىلەن توسۇپ قالغان،نامايىشچىلار تاش بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان.
ھىندونېزىيەنىڭ باشقا شەھەرلىردىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاممانىڭ نامايىش قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،كوتا ماكاسساردا،1000دەك نامايىشچى بولۇپ،بەزىلەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا ئوت قويۇپ تاشلىغان ھەمدە بىر ساقچى ئەمەلدارىنى تۇتۇپ قالغان.
نامايىش ھەكىتى كۆپلىگەن شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكتىن،بىر قىسىم تور بەتلەر 10-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى نامايىشنى«20-ئۆكتەبىر ھەركىتى»دەپ ئاتاپ،تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!