ۋىكى مەخپىيەتلىكنى يېشىش تورى ئاشكارلىغان قەتئىي مەخپىي ھۆججەتتە،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇن پۇقرالارنى قالايمىقان ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارلانغان،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان14پۇقرانى ئۆلتۈرگەن ھەمدە باشقا بىر قېتىملىق ھەركىتىدە تەسلىم بولغان قوراللىق ئادەملەرنى قەستەن ئۆلتۈرگەن.
2007-يىلى7-ئاينىڭ16-كۈنى،2دانە ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى پاراشوتچىلار پولكىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ شەرقىي قىسىمىغا كېلىپ،«ئىراق قىسىملىرىغا قارشى»دەپ گۇمان قىلغان خادىملارنى بايقىغان ھەمدە پاك-پاكىز قىرىپ تاشلىغان،كېيىن ئىراق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى14نەپەر پۇقرانىڭ خاتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.
دەل بۇ پاجىئەدىن4كۈن ئىلگىرى،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى باغدادتا رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى مۇخبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان12ئادەمنى خاتا ئۆلتۈرگەن،فىلىمنى بۇ يىل4-ئايدا ۋىكى مەخپىيەتلىكنى يېشىش تورى ئاشكارلىغان.2007-يىلى2-ئايدا،ئاپاچ ئايروپىلانى باغدادنىڭ شىمالىدا2نەپەر قوراللىق كىشىنى بايقىغان،ئەينى چاغدا بۇ 2قوراللىق تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،ئەمما ئۇچقۇچى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۇرۇش ئايروپىلانىغا تەسلىم بولسا بولمايدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ،بۇ ئىككى ئادەمنى«ئۈنۈملۈك ھۇجۇم نىشانى»دەپ ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ تاشلىغان.