ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خۇ جىنتاۋ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى نابورىتانو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
        شىنخۇا تورى بېيجىڭ 26–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 26–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى نابورىتانو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو–ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىن
  

   

    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 26–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 26–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى نابورىتانو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو–ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئورتاق تونۇشقا كېلىشتى .

    خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 40 يىلدىن بۇيان ، جۇڭگو–ئىتالىيە مۇناسىۋىتى تارىخنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى . ئۆتكەن يىلى مەن ئىتالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم . مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆرۈۋالدىمكى ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكىتى ، قويۇق ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق يېڭى ئىلگىرلەشلەرگە ئىگە بوپتۇ .

    نابورىتانو مۇنداق دېدى : مەن جۇڭگوغا دوستلۇق ھېسىياتىم بىلەن كەلدىم . نۆۋەتتە ، ئىتالىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ھەمدە كونكېرت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرلىشىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ . بىز جۇڭگونى تونۇش ۋە چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز .  

    يىغىنىدىن بۇرۇن ، رەئىس خۇ جىنتاۋ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا نابورىتانو زۇڭتۇڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!