شىنخۇا تورى جياڭسۇ قانىلى ، نەنجىڭ ، 21–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: 2010–يىللىق جۇڭگو (چوڭ قۇرۇقلۇق) نىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ئەڭ ياخشى شەھەرلىرىنى تەقدىرلەش مۇراسىمى 21–ئۆكتەبىر نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى ، ئالتە چوڭ قىتئە ، 100 نەچچە دۆلەتتىكى 7980 چە ئادەمدىن پىكىر ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، شاڭخەي ، بېيجىڭ قاتارلىق 10 شەھەر تۇنجى تۈركۈمدە ‹‹جۇڭگو (چوڭ قۇرۇقلۇق) نىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ئەڭ ياخشى شەھەرلىرى›› شەرىپىگە ئېرىشتى.
‹‹جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى›› نى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ‹‹شەرققە نەزەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى››، جۇڭگو شەھەر باشلىقلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ‹‹جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى›› خىزمىتى كومىتېتى ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئاممىۋى مۇناسىۋەت تەتقىقات مەركىزى ، ساياھەت سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، بۇ 10 شەھەر 30 نامزات شەھەر ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ ، بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن.
بۇ 10 شەھەر تۆۋەندىكىچە : شاڭخەي ، بېيجىڭ ، چېڭدۇ ، نەنجىڭ ، خاڭجۇ ، نىڭبو ، شىئەن ، چاڭشا ، كۇنمىڭ ، چاڭچۈن ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چېڭدۇ بىلەن نەنجىڭ تەڭداش رەتكە تىزىلغان.
شەھەرلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا قارىتا ئىلمىي باھالاش ئېلىپ بېرىش جۇڭگودا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ ، بۇ تەكشۈرۈش 2010–يىلى ئاپرېلدا بېيجىڭدا باشلانغان . ‹‹جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تەتقىق قىلىپ باھالاش سىستېمىسى›› شەھەرنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسى ، شەھەر مەدەنىيىتى ، شەھەر مۇھىتى ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساپاسى ، ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالى ، قولايلىق دەرىجىسى ، شەھەر خاسلىقى ، ئىشەنچلىكلىك (سەمىمىيەت) دەرىجىسى ، ھاكىمىيەت ئۈنۈمى ، مەبلەغ سېلىش قىممىتى ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ، خەلقئارالىشىش دەرىجىسى قاتارلىق 12 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچكە چېتىلىدۇ.

شاڭخەي

بېيجىڭ

چېڭدۇ

نەنجىڭ

خاڭجۇ

نىڭبو

شىئەن


كۇنمىڭ

چاڭچۈن