ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركمەنىستان روسىيەگە تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2010-يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
تۈرۈكمەنىستان پىرىزدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەد10-ئاينىڭ22-كۈنى كاسپى دېڭىزى بويىدىكى تۈركمەنباشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن روسىيە تۈرۈكمەنىستان يىغىنىدا ،تۈركمەنىستاننىڭ روسىيەگە تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەن. ئۇ:روسىيە تۈ
  


تۈرۈكمەنىستان پىرىزدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەد10-ئاينىڭ22-كۈنى كاسپى دېڭىزى بويىدىكى تۈركمەنباشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن روسىيە تۈرۈكمەنىستان يىغىنىدا ،تۈركمەنىستاننىڭ روسىيەگە تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
ئۇ:«روسىيە تۈركمەنىستان يېقىلغۇ بايلىقى ساھەسىدىكى ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق شېرىكى،شۇڭا،بىز ھازىرقى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىشقا كېڭەيتىشنى خالايمىز»دېگەن.
بەردى مۇھەممەد روسىيە تۈركمەنىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ بىرى،ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.ئۇ:«بىز ئىستراتىگىيىلىك شېرىك،بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا مۇقىم ھەمدە پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە ئۆز ئارا چۈشىنىمىز»دېگەن.
سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى8ئېيىدا،روسىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى بىر مىليارد857مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.2009-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،روسىيەگە بولغان تەبىئىي گاز ئېكىسپورتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن،ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى ئازلىغان.يەنە بىر تەرەپتىن،بىر قاتار تەدبىرلەر قوللانغاندىن كېيىن،ئىككى دۆلەت سودىسىدا كۆپ خىللىشىش كۆرۈلگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!