شىۋاسىنگېر روسىيەگە زىيارەتكە بارغاندا مېدىۋىدېۋ شوپۇرى بولدى
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ10-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ گوركىي پىرىزدېنت مەھكىمىسىدە ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى شىۋاسىنگېر بىلەن كۆرۈشكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا،سۆھبەت باشلىنىشى بىلەن،شىۋاسىنگېر بۇ يىل يازدا مېدىۋىدېۋنىڭ كالفورنىيەنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتكەن.شىنۋاسىنگېر مېدىۋىدېۋغا:«مەن ساڭا ئەينى چاغدا’مەن قايتىپ كېلىمەن’دېگەنغۇ،مانا قايتىپ كەلدىمغۇ»دېگەن.ئۇ تولۇقلاپ چوڭ تىپتىكى ئامېرىكا كارخانىچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
قىسقا مۇددەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن،مېدىۋىدېۋ بىلەن شىۋاسىنگېر «چايكا»ماركىلىق پىكاپقا چىققان،مېدىۋىدېۋ ماشىنىنى ئۆزى ھەيدىگەن بولۇپ،بىرلىكتە سكونكوۋوغا يۈرۈپ كەتكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!