ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

قەشقەر شەھىرى ‹‹پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگودىكى 20 كۈچلۈك ساياھەت شەھىرى›› قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىردى

2010-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: ‹‹2010–يىللىق جۇڭگو شەھەر مۇنبىرى—پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگو ساياھەت شەھىرى›› نى باھالاش پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتىدىن يېقىندا خۇش خەۋەر كەلدى: قەشقەر شەھىرى ئالدىنقى ئىككى باسق
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: ‹‹2010–يىللىق جۇڭگو شەھەر مۇنبىرى—پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگو ساياھەت شەھىرى›› نى باھالاش پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتىدىن يېقىندا خۇش خەۋەر كەلدى: قەشقەر شەھىرى ئالدىنقى ئىككى باسقۇچلۇق توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە غەلىبە قىلىپ ، 100 نامزات شەھەر ئىچىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالدىنقى 20 كۈچلۈك شەھەر قاتارىغا كىرىپ ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن بۇ نامزاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر شەھەر بولۇپ قالدى . نۆۋەتتە ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولغان توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ‹‹ 20دىن 10 نى تاللاش›› پائالىيىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

   ‹‹ 2010–يىللىق جۇڭگو شەھەر مۇنبىرى—پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگو ساياھەت شەھىرى››نى باھالاش پائالىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان ، جۇڭگو خەلقارا رادىيو ئىستانسىسى خەلقئارا تور پونكىتى باشقۇرغان پائالىيەت بولۇپ ، بۇ يىل 28–ئىيۇن توردا رەسمىي بېلەت تاشلاپ كۆرسىتىش باشلانغاندىن بۇيان ، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى . شىنخۇا تورى ، خەلق تورى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق مەركەز ۋە يەرلىكتىكى نۇقتىلىق تور بېكەتلىرى ئارقا–ئارقىدىن تور بېتىنىڭ كۆزنەك ئورۇنلىرىدا بۇ پائالىيەتكە ئورۇن بەردى . ‹‹تېڭشۈن›› ، ساياھەت سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ، ساياھەتچىلىك ژۇرنىلى ، 12580 تۇرمۇش خەۋەرلىرى ، ‹‹يوكۇ›› قاتارلىق تور بېكەتلىرى ، رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ، گېزىت–ژۇرناللارمۇ بۇ پائالىيەتكە يېقىندىن ماسلاشتى . جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، فىرانسىيە ، رۇسىيە ، ياپونىيە ، تايلاند ، مالايسىيا ، چاۋشىيەن ، ھىندىستان ، ئىسپانىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتكە ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىيو ئىستانسىسلىرى ۋە تور بېكەتلىرىمۇ بۇ پائالىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى . ئۇندىن باشقا ، ئىتالىيە ، موڭغۇلىيە ، ئارگېنىتىنا، كولومبىيە قاتارلىق 20 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ ئاممىنى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە تەشكىللىدى.

   ئۈچ ئايغا يېقىن بېلەت تاشلاپ كۆرسىتىش جەريانىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار جۇڭگو ساياھەت شەھىرىنى باھالاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشتەك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى ، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىنتېرنىت تورى ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىگە ئاكتىپ بېلەت تاشلاپ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرى›› بولۇشقا ئاكتىپ كۈچ چىقاردى . پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە ، 27–سېنتەبىردىن 26–نويابىرغىچە پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى ‹‹20 دىن 10 نى تاللاش›› باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى يەنە 43 دۆلەتكە بۇ پائالىيەتنى ئېچىۋەتتى . نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى ، توردا تاشلانغان بېلەت سانى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشى بىلەن ، 10 شەھەرگە ‹‹دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگو ساياھەت شەھىرى›› دېگەن نام بېرىلىدۇ . بۇ جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە تورداشلار پەقەت 2010–يىللىق شەھەر مۇنبىرى تور بېكىتى      http://chinesecity.cri.cn/      

            گە كىرىپ ، ‹قەشقەر› دېگەن ئىسىم ئاستىدىكى ‹‹بېلەت تاشلاڭ›› دېگەن خەتنى بىر قېتىم چەكسىلا ھەر كۈنى بىر سائەتتە بىر قېتىم قەشقەر شەھىرى ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلىيالايدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە تورداشلار شۇ تور بېتىدىكى ‹‹پۈتۈن دۇنيا كۆرسىتىش›› كۆزنىكىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تور بېتىگە كىرىپمۇ ھەر كۈنى قەشقەر شەھىرى ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ 

 
( مۇھەررىر : ئايگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر