16–ئۆكتەبىردىكى قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى تەسىرىدە ، بېيجىڭ–شياڭگاڭ–ئاۋمىن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ خۇبېي بۆلىكىدە ئارقا–ئارقىدىن قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئۈچ كىلومېتىر دائىرىدە نەچچە ئون ئاپتوموبىل ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، 8 ئادەم قازا قىلىپ ، 23 كىشى يارىلانغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بېيجىڭ–شياڭگاڭ–ئاۋمىن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ ئاۋمىن–بېيجىڭ بۆلىكىدە بەش سائەت ئەتىراپىدا قاتناش توختاپ قالغان .
قاتناش ساقچى تارماقلىرى خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، ئەڭ تېز سۈرەتتە ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كېلىپ ، ۋەقەنى دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلغان . ئۇنىڭدىن كېيىن ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ، ئوت ئۆچۈرۈش ، داۋالاش ، يول باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلاردىكى خادىملار ئارقا–ئارقىدىن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، بۇ پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان .
شۇ كۈنى چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا ، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە قاتناش ئەسلىگە كەلگەن . نۆۋەتتە ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ، ئالاقىدار تارماقلار بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ .
قۇتقۇزغۇچى خادىملار يارىلانغانلارنى قۇتقۇزماقتا