ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىدا نامراتلار سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   ‹‹ ھەر يەتتە نەپەر ئامېرىكىلىق ئىچىدە بىرسى نامرات ھالەتتە تۇرماقتا ›› . ئامېرىكا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 16–سېنتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكىدا 2009–يىلى نامراتلار نوپۇسى %14.3 كۆپىيىپ ، نامراتل
  

   ‹‹ ھەر يەتتە نەپەر ئامېرىكىلىق ئىچىدە بىرسى نامرات ھالەتتە تۇرماقتا ›› . ئامېرىكا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 16–سېنتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكىدا 2009–يىلى نامراتلار نوپۇسى %14.3 كۆپىيىپ ، نامراتلارنىڭ ئومۇمىي سانى 43 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ ، يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى .

    ئامېرىكا مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە خام چوت ئىشخانىسىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا ، ئەگەر ئامېرىكىدىكى بىر تۆت نوپۇسلۇق ئائىلىنىڭ 2009–يىلىدىكى يىللىق كىرىمى 21 مىڭ 954 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن ياكى شەخىسنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ 956 يۈەندىن تۆۋەن بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ئائىلە نامراتلىق ھالىتىدە تۇرغان بولىدىكەن .

   ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىغان : 2008 –يىلى باشلانغان پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ئېنىقكى ئامېرىكىدىكى نامراتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب . ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشىمۇ نامراتلار نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتتى . 2009–يىلى ، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى بىراقلا %10 ئاشقان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا %9.6 دىن يۇقىرى بولماقتا . ئىلگىركىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، كۆپ مىقداردىكى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان زىيالىلار توپى بۇ مەيدان تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ زەربىسىدە نامراتلار قاتارىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى .

   تەھلىلچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە ، ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان نامراتلار نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئالاقىدار خەۋەر شەك–شۈبھىسىزكى يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن .  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتىلغان بىر باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى 2009–يىلىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن جاپالىق بىر يىل بولغانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى . بىراق ئۇلار بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى ئاقلاشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك . ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇن لايىھەسى ۋە باشقا ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقتىن ، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالدى . ئوباما تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن : ئىقتىسادىي كىرزىستىن بۇرۇن ، ئامېرىكا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىمۇ توختاپ قېلىش ھالىتىدە بولۇپ ، ئامېرىكىدىكى نامراتلارنىڭ سانى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ ، بۈگۈنكى سانلىق مەلۇمات خىزمىتىمىزنىڭ ئەمدىلا باشلانغانلىقى ، بىزنىڭ داۋاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە بولغان سېلىنمىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

   بىراق ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە ئوبامانىڭ ئىقتىسادنى قوزغىتىش سىياسىتىگە قارشى زاتلار مۇنداق قارىغان : بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە دېموكراتلار پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش جەھەتتە مەغلۇب بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى .

   دۆلەت پارلامېنتى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىنىڭ كۈندىن كۈنگە يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، پارتىيە–گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كۈندىن كۈنگە كۈچەيگەن بولۇپ ، ھەر قانداق بىر ئىقتىسادىي ۋە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنىڭ ھەممىسى سايلام جېڭىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ  قېلىشى مۇمكىن .

مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:

نامراتلار ئولتۇراق رايونى

ئامېرىكىدىكى نامراتلار

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر