ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستاندىكى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 21 گە يەتتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى بومباي 20–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ھىندىستان سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 20–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ كۈنى سەھەردە ھىندىستاندا پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ ، ۋەقەدە 21 ئادەم قازا قىلىپ ، 50 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .     ھىندى
  

    شىنخۇا تورى بومباي 20–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ھىندىستان سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 20–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ كۈنى سەھەردە ھىندىستاندا پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ ، ۋەقەدە 21 ئادەم قازا قىلىپ ، 50 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .

    ھىندىستان سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ يەر ۋاقتى 20–سېنتەبىر سەھەر سائەت  4:45 دە ، بىر يۈك پويىزى باداراۋاس پويىز ئىستانىسىدا توختىتىپ قويۇلغان يولۇچىلار پويىزىغا سوقۇلۇپ كېتىپ ، ۋاگونلار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، ئېغىر دەرىجىدە ئۆلۈش–يارىلىنىش بولغان ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار نەق مەيدانغا كېلىپ كېسىش ماشىنىلىرى ئارقىلىق ۋاگونلارنى كېسىپ ۋاگون ئىچىگە كىرىپ ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان .

    ھىندىستان تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ۋەقەدە يەنە 50 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ، دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ، نۆۋەتتە ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋېتىپتۇ .

    ھىندىستان تۆمۈر يول مىنىستىرى ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتلىرىغا 500 مىڭ رۇپىيە ھال سوراش پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ، ھەر بىر يارىلانغۇچىغا 100 مىڭ رۇپىيە تولۇقلىما پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

    تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى يەنە ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ، يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ ، كۆرۈش ئارىلىقىنىڭ ناھايىتى قىسقىلىقىنى ئېيتقان .

 
 
 
 
 
 
( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!