
شىنخۇا تورى ئالمۇتا 19–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : تاجىكىستان دۆلەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارى 19–سېنتەبىر تاجىكىستاننىڭ راشت رايونىدا تاجىكىستان ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ، ۋەقەدە 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان .
بۇ ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، نۆۋەتتە تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەيرۇلۇيوف دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يىتىپ بارغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان برونېۋىكلارنىڭ شۇ رايونغا قاراپ يولغا چىققان .
19–سېنتەبىردىن بۇرۇن ، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى راشت رايونىدىكى بىر جىلغىغا يىتىپ بارغاندا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . بۇ ھەربىيلەر ئەسلىدە تۈرمىدىن قاچقان جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن بۇ رايونغا كەلگەن . ئىگىلىنىشىچە ، 22 ــ ئاۋغۇست يېرىم كېچىدە ، 25 نەپەر جىنايەتچى تاجىكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا بىۋاستە قاراشلىق تۈرمىدىن قېچىپ چىققان بولۇپ ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بۇ جىنايەتچىلەر راشت رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئىكەن .