23-سىنتەبىر، ئامېرىكا نيۇيورۇكتىكى، نېكاراگۇئا دىپلوماتىنىڭ تۇرالغۇسى سىرتىغا توختىتىپ قويۇلغان ساقچى ماشنىسى.
34 ياشلىق دىپلومات كېسار مېلكادو، نېكاراگۇئانىڭ نيۇيورۇكتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭ شوپۇرى 23-سىنتەبىر سائەت 10:35 ئەتراپىدا بورنىس رايونىدىكى تۇرالغۇسىدىن ئۇنى ئېلىپ ب د ت نىڭ يىغىنىغا قاتىشىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا، مېلكادونىڭ بوغۇزلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان، ئۆلگۈچىنىڭ يېنىغا بىر دانە خەنجەر قويۇپ قويۇلغان.