
شىنخۇا تورى ، خيۇستون، 19–سېنتەبىر تېلېگراممىسى: ئامېرىكا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانى سادې ئاللېن 19–سېنتەبىر مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئاققان قۇدۇقنىڭ ئەبەدىي ھىم ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى .
ئاللېن شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ‹‹ بۇ نەتىجە ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دېڭىز– ئوكيان ئېنېرگىيەسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى . ئەمدى بىز ماكوندو 252 - نېفىت قۇدۇقى رەسمىي ‹تۇنجۇقتۇرۇلدى› دەپ ئاخىرقى جاكارنى ئېلان قىلساق بولىدۇ. گەرچە يەنە بىر قىسىم قانۇن تۇرغۇزۇش باسقۇچلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ھازىر بىز جەزملەشتۈرۈپ ئېيتالايمىزكى، ماكوندو نېفىت قۇدۇقى ئەمدى مېكسىكا قولتۇقىغا تەھدىت سالالمايدۇ›› دېدى.
ئاللېننىڭ ئېيتىشىچە، مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئاققان قۇدۇققا سېمونت قۇيۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بېسىم سىنىقى 19 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تاماملىنىپتۇ، سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سېمونت نېفىت ئاققان قۇدۇقنى ئۈنۈملۈك ئېتىپتۇ.
نېفىت ئاققان قۇدۇقنىڭ ‹‹تۇنجۇقتۇرۇلغانلىقى›› نىڭ رەسمىي جاكارلىنىشى بەش ئايغا يېقىن سوزۇلغان قۇدۇقنى ئېتىش قۇرۇلۇشىغا ئاخىرى چېكىت قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
