19-فېۋرال چۈشتە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان جالالئاباد شەھىرىدىكى كابۇل بانكىسى قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 8 ئادەم قازا قىلغان، 60 نەچچە ئادەم يارىلانغان.
ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى 3 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر قوراللىقنەنگاھار ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي بانكا كابۇل بانكىسىغا ساقچىلار مۇئاشىنى ئېلىۋاتقاندا ھۇجۇم قىلغان.
يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ دېيىشىچە، 10 يارىدارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن.
قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ساقچى ئەمەلدارى ئىكەن.
تالىبان بۇ ھۇجۇمغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!