ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئاياغتىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدىغان قۇرۇلما كەشىپ قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئامېرىكا ئاياغتىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدىغان قۇرۇلما كەشىپ قىلدىئامېرىكا ئاياغتىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدىغان قۇرۇلما كەشىپ قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئەگەر جۈپتىڭىز سىزنىڭ پۇتىڭىزنىڭ پۇرىشىغا چىدىيالمىغان بولسا، يېڭى بىر كەشپىياتنىڭ سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئالىملار يېقىندا بىر خىل يېڭى كەشپىياتنىڭ ئاياغتىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدىغانلىقىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تازىلاپ گۈلدەك پۇرايدىغان قىلىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا كەشىپ قىلغان بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئىسمى SteriShoe بولۇپ، ئوخشىمىغان رازمېرلىرى بار ئىكەن. ئاياغ تىرىكىگە ئوخشايدىغان بۇ قۇرۇلمىنى پەقەت ئاياغ ئىچىگە سېلىپ، ۋېكيۇچاتكىلىنى ئېچىپ قويسا، 45 مىنۇت ئىچىدە %99.9 باكتىرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، ئاياغتىكى سېسىق پۇراقنى يوق قىلىدىكەن.
بۇ قۇرۇلمىنىڭ پىرىنسىپى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئارقىلىق ئاياغنى سېسىق پۇرايدىغان قىلىپ قويىدىغان باكتىرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش ئىكەن. ئوخشىمىغان چاستوتىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلار مىكرو جانلىقلار ۋە باكتىرىيەلەرنى خىمىيىۋى رېئاكسىيەلەشتۈرۈپ نېيتراللاش رولى ئارقىلىق سېسىق پۇراقنى يوقىتىدىكەن. چۈنكى قۇرۇلمىدا پېرېسلانغان سېنزور بولغانلىقتىن، پەقەت ئاياغ ئىچىگە سالغاندىلا ئاچقىلى بولىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!