ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان M777 زەمبىرەكنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ كېتىش دېلوسىنى قاتتىق

2011-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ھىندىستان M777 زەمبىرەكنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ كېتىش دېلوسىنى قاتتىقھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكىدا ياسالغان M777 ئالاھىدە يېنىك تىپلىق زەمبىرەكنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ كېتىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ M777 ئالاھىدە يېنىك تىپلىق زەمبىرىكى
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونىي 15-فېۋرال يېڭى دېھلىدا، ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكىدا ياسالغان ئالاھىدە يېنىك تىپلىق زەمبىرەكنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانتونىي شۇ كۈنى يېڭى دېھلىدا ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى ئۆتكۈزگەن بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ھىندىستان ئارمىيىسى ئامېرىكىدا ياسالغان M777 ئالاھىدە يېنىك تىپلىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلاتنىڭ بىر قېتىملىق ئېغىر مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپ كېتىش دېلوسى ئىكەنلكىنى ئاشكارلىغان، ھىندىستان ئارمىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بۇ قېتىمقى مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان، ئەمما ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىدىن بۇ خىلدىكى زەمبىرەكنى سېتىۋېلىش پىلانى مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ھېچقانداق تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.
ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئارمىيىسى يېقىندا شىمالدىكى تاغلىق رايوندا ئامېرىكىدا ياسالغان M777 ئالاھىدە يېنىك تىپلىق زەمبىرەكنى دالا ئۇرۇشى سىنىقى قىلغان، ئەمما قەتئىي مەخپىيەتلىككە ياتىدىغان بۇ قېتىمقى سىناقنى ھىندىستان ئاخباراتلىرى ئاشكارلاپ تاشلىغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان بۇلتۇر ئامېرىكا بىلەن قىممىتى 647 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق M777 تىپلىق زەمبىرەك سېتىۋېلىش پىلانىدا بىرلىككە كەلگەن، ئەمما بۇ سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارى ھېلىغىچە بېكىتىلمىگەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا يېڭى ھەربىي تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بېسىم سەۋەبلىك، ھىندىستان توپچىلار دېۋىزىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەمدە قىسمەن ئىلغار قوراللارنى ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىغان.
M777 تىپلىق 155 كالبېرلىق ئالاھىدە يېنىك تىپتىكى شراپېنل ئاتىدىغان زەمبىرەك ھەر قانداق شارائىتتا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، لازىر ئېنىرتسىيىلىك ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئورنىتىلغان، ئېتىش مۇساپىسى 30 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ھىندىستان ئارمىيىسى ئامېرىكىدىن 145 دانە M777 زەمبىرىكى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان.
مەنبە: جۇڭگو خەلقئارا لىنىيە تورى ھىندىستان يېڭى توپچىلار دېۋىزىيىسى ۋە ئالاھىدە قىسىم قۇرۇپ جۇڭگو ئارمىيىسگە تاقابىل تۇرماقچى ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مىڭ دانە يىراق مۇساپىلىق مەرگەن مىلتىقى سېتىۋالماقچى ھىندىستان 22 دانە ئاپاچ قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى سېتىۋېلىشى مۇمكىن
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر