جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-فېۋرال خەۋىرى: 4 ئاي قامالغاندىن كېيىن، گېرمانىيە « سۈرەتلەر گېزىتى » نىڭ مۇخبىرى جەرىمانە تۆلىگەندىن كېيىن، ئىران دائىرلىرى 19-فېۋرال كەچ قويۇپ بەرگەن. گېرمانىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا چۈشەندۈرۈپ، نۆۋەتتە يەنىلا تىبلىس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىككى مۇخبىرغا گېرمانىيە دېپلوماتىيە خادىمى ھەمرا بولىۋاتىدۇ دېگەن. گېرمانىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى Guido ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تېھرانغا يېتىپ بارغان.
گېرمانىيەلىك ئىككى مۇخبىر ماركۇس خېلۋىڭ (Marcus Hellwig) ۋە جېنس كوچ (Jens Koch) بۇلتۇر 10-ئايدا ئىراننىڭ تىبلىس شەھىرىگە كىرىپ، تاش بوران جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئاشتىنىيەنىڭ ئوغلىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، ۋىزا قانونىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەنگەن. قاماقتىكى ۋاقتىدا، گېرمانىيەدىكى سىياسىئونلار بىلەن داڭلىق زاتلار ئۇدا ئاشكارا سۆز قىلىپ ئىراننىڭ تېزراق قويۇپ بېرىشىنى دەۋەت قىلغان ئىدى. ئىران ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاق كۆڭۈل خىسلىتىگە ئاساسەن، بۇ ئىككى نەپەر مۇخبىرنى پەقەت 35 مىڭ 700 ياۋرو جەرىمانە تاپشۇرسىلا جازادىن كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلغان.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!