كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايتىسنىڭ شىمالىي كورىيە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تروكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى(ICBM) غا ئالاقىدار باياناتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
جۇڭگودا زىيارەتتە بولىۋاتقان گايتىس 11-يانۋار مۇخبىرلار يىغىنىدا بىلدۈرىشىچە، شىمالىي كورىيە 5 يىل ئىچىدە ئامېرىكا زېمىنىغا يېتىپ بارالايدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ياساپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن، بۇ ئامېرىكىغا بىۋاستە تەھدىد پەيدا قىلىدىكەن.
جەنۇبىي كورىيە-ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىنىڭ بىردەك قارىشىچە، شىمالىي كورىيە ھازىر ئامېرىكا زېمىنىغا يېتىپ بارالايدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.
شىمالىي كورىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ قىتئەلەر ئارا تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 1998-يىلى ۋە 2006-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا « تىپىدوڭ-1 » ۋە « تىپىدوڭ-2 » باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى قويۇپ بەرگەن. مۆلچەرلىنىشكە ئاساسلانغاندا، « تىپېدوڭ-2 » نىڭ ئېتىش مۇساپىسى 6700 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، ئەمما تېخى ئىسپاتلانمىغان.