ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

گۇاڭدۇڭدىكى قارا يامغۇر ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 70 گە يەتتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى گۇاڭجۇ 24–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ 24 –سېنتەبىر سائەت 23 دە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن ئاپىتىدە قا
  

    شىنخۇا تورى گۇاڭجۇ 24–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ 24 –سېنتەبىر سائەت 23 دە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 70 گە يەتكەن ، 65 ئادەم يوقاپ كەتكەن ، 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان .

   گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، 24–سېنتەبىر سائەت 18 گىچە ، گۇاڭدۇڭنىڭ ماۋمىڭ ، ياڭجياڭ ، يۈنفۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى جەمئىي 12 ناھىيە (شەھەر ، رايون) نىڭ 179 يېزا–بازىرىدىكى 1 مىليون 197 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 99 مىڭ 500 ئادەم بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن ، 3765 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 42 مىڭ 190 گېكتار (ھەربىر گېكتار 15موغا تەڭ) كۆلەمدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ، ئاپەتتىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 2 مىليارد 399 مىليون يۈەنگە يەتكەن . نۆۋەتتە ، كونكېرت ئاپەت ئەھۋالى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىستاتىستىكا قىلىنماقتا.

   تەيفېڭ بورىنى ‹‹ فەنيابى››نىڭ تەسىرىدە ، 21–سېنتەبىردىن بۇيان ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ماۋمىڭ ، ياڭجياڭ ، يۈنفۇ قاتارلىق رايونلىرىدا يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ ، بۇ رايونلاردا كەلكۈن ، لاتقا–شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىپ ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال –مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن .

مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر:

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!