
25–سېنتەبىر ، جىنلىڭ قەدىمى سەنئەت برونزا تەتقىقات ئورنى لايىھەلىگەن ‹‹ خۇاڭخې ئەڭ چوڭ قوڭغۇرىقى ›› نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ برونزا جىلغىسىدىكى جۇڭخۇا خۇاڭخې مەدەنىيەت مېھرابىغا ئېسىلدى . ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ خۇڭخې ئەڭ چوڭ قوڭغۇرىقى ›› دەپ نام ئالغان بۇ قوڭغۇراقنىڭ ئېغىرلىقى 9.999 توننا ، ئېگىزلىكى 3.6 مېتىر ، قوڭغۇراق ئېغىزىنىڭ دېئامېتىرى 2.61 مېتىر بولۇپ ، قوڭغۇراققا ئەجدىھا ، قىزىلباش قۇشقاچ ، ئاق يولۋاس ، باغ ھويلا ۋە ئادەم سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەندىن باشقا ھەرخىل كۆركەم نەقىشلەر ۋە قىيا تاش سىزمىلىرى چۈشۈرۈلگەن .
(پىراكتىكانت ئابلەتجان تۇرسۇن تەرجىمىسى)