ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت ئۆمىكى تەڭرىتاغ تورىنى زىيارەت قىلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىن ۋەكىللەرگە شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا     ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى : 26–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، تۈركىي
  
 
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىن ۋەكىللەرگە شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا

    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى : 26–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىننىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورىدا سۆھبەت ھەم زىيارەتتە بولدى .

   سۆھبەت جەريانىدا ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خوۋ خەنمىن ئالدى بىلەن ئاخبارات ئىشخانىسىغا ۋاكالىتەن تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتكەندىلا چۈشىنىش ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ ، دېدى .

    خوۋ خەنمىن ھەممەيلەننىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ‹‹ چوڭ ›› ، ‹‹ كۆپ ›› ، ‹‹ گۈزەل ›› دىن ئىبارەت ئۈچ سۆزگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ، ‹‹ چوڭ بازار ›› ، ‹‹ چوڭ لىنىيە ›› ، ‹‹ چوڭ بازا ›› ، ‹‹ چوڭ شەھەر ›› لەر ئۇقۇمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تەسۋىرلەپ بەردى .

 
تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئاڭلىماقتا

     خوۋ خەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربنى ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم جاي ، ھازىر شىنجاڭدا دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 17 سى بار . شىنجاڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسلۇق سودا بازىرىغا ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئوتتۇرا غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسلۇق خەلقئارا چوڭ بازارغا يۈزلەنمەكتە . نۆۋەتتە ، مەملىكىتىمىز ئۈرۈمچىنى غەربىي ئاسىيا ، ئوتتۇرا ئاسىياغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ . قەشقەر شەھىرىمۇ پات ئارىدا غەربىي رايوندىكى خەلقئاراغا يۈزلەنگەن چوڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلىدۇ .  

    خوۋ خەنمىن يەنە : مەركەز شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ياخشى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى . شىنجاڭ ھازىر چوڭ تەرەققىيات ، چوڭ ئېچىۋېتىش ، چوڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا . شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ ، دېدى .

 
زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنى زىيارەت قىلماقتا

    ئارقىدىن ، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر تەڭرىتاغ تورىدا زىيارەتتە بولۇپ ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، قازاقچە ، ئېنگىلىزچە ، رۇسچە بۆلۈملىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەڭرىتاغ تورى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ، پۈتۈن دۇنيانىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . 

    تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە تەھرىر بۆلۈمىدە ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ مەسئۇلى قەيسەر قېيۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى .

 
مۇھەررىر شەرىپە (سولدىن 2–) زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنى تۈرك تىلىدا تونۇشتۇرماقتا 
 
 
زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر خەنزۇچە تور بەتنى زىيارەت قىلماقتا
( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!