بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نەق مەيدان كۆرۈنىشى
بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان رەھبەرلەر

ئۆزمۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى فوتوسى : 1 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 6 دە ، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . مۇراسىمغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپ چىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنشيەن ، نۇر بەكرى ، ئەركىن ئىمىرباقى ، ئەسقەت كېرىمباي ، چې جۇن ، ياڭ گاڭ ، ۋاڭ جيەنمىن ، فۇ چياڭ ، خەن يوڭ ، لى يى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە مىڭغا يېقىن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى قاتناشتى .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەدىنە مۇنداق دېدى : بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمى كۆر گىلى كىلىشىم ، مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 4 تىلا ئورنۇمدىن تۇردۇم . بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ ئىنتايىن خوش بولدۇم .
ھەر كۈنى ئەتىگەندە خەل مەيدانىدا بەدەن چېنىقتۇرىدىغان بوۋاي ۋاڭ ۋىنشەن ھاياجانلانغان ھالدا : دۆلەت بايرىقى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان پەيىتتە ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتىم ، مەن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاق ۋە بەختلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا كەلگەن ئوسمانجان مۇھەممەت دېدى : دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك ، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىنى تىلەيمەن .


