19–ئۆكتەبىر كېچىدىن 20–ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇنغىچە ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ، شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا چوڭ كۆلەملىك تۇمان ۋە چاڭ–توزان پەيدا بولۇپ ، تەخمىنەن 10 ئۆلكە (شەھەر) ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ ، قىسمەن رايونلاردىكى كۆرۈش ئارىلىقى 500 مېتىرغىمۇ يەتمىگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، 20–ئۆكتەبىر كېچىدىن باشلاپ نىسبەتەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭ تەسىرىدە ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ، قار–يامغۇرلۇق ۋە بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن .

قۇيۇق تۇمان ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ، شەرقىي قىسىم رايونلىرىنى قاپلىدى
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تۇماندىن مۇداپىئە كۆرۈش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى : بۈگۈن كېچىدىن ئەتە چۈشتىن بۇرۇنغىچە ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي رايونلىرى ، شەنشىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي رايونلىرى ، جياڭنەننىڭ شىمالى ، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ، چۇڭچىڭ ، گۇيجۇنىڭ شىمالى قاتارلىق رايونلاردا تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن .
نىسبەتەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
نىسبەتەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ، 20–ئۆكتەبىر كېچىدىن 24–ئۆكتەبىرگىچە ، شىنجاڭدا غەربتىن شەرققە قارىغان يۆنىلىش بويىچە تۆۋەن تېمېپراتۇرىلىق ، قار–يامغۇرلۇق ۋە بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، ئىلى دەريا ۋادىلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن غەربىي رايونلىرىدا ھۆل–يېغىن ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن ؛ 30 چاقىرىملىق ، 100 چاقىرىملىق شامال رايونلىرىدا ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 11 بالدىن 12 بالغىچە بولىدىكەن ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ھاۋا تېمېپراتۇرىسى ℃7 دىن ℃10 غىچە تۆۋەنلەيدىكەن . سوغۇق ھاۋادىن كېيىن ، شىمالىي ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا قىراۋ ئۈششۈكى پەيدا بولىدىكەن .