پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ھەم ئۆگىنىلدى
جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

چېڭ لىشىن خەۋىرى : ئاپتونوم رايون 20 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ھەم ئۆگىنىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جاڭ چۈنشيەن باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى تۈزۈش تەكلىپى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنى يەتكۈزدى.
جاڭ چۈنشيەن پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ھەم ئۆگىنىش ھەققىدە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويدى:
بىرىنچى، يىغىن روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىشنى تېزدىن تەشكىللەش كېرەك. پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلارنىڭ ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركىزىي گۇرۇپپا مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلىش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئومۇمىي يىغىن روھىنى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا تېز يەتكۈزۈشى كېرەك. ئىككىنچى، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ››تەكلىپ‹‹ نى ئۆگىنىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش تېما بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيەنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك. بولۇپمۇ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش تەكلىپىدە شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنى نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان رايون قىلىپ، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، مەركەزنىڭ غەربىي رايونغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى، مەدەت بەرگەنلىكى بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە تونۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان زور تارىخىي پۇرسەت مەزگىلى. ئاپتونوم رايون مىقياسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىلمىي راۋاجلىنىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 5 – ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ئائىت بىر قاتار زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرلىرىنى تونۇش، چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا تېخىمۇ بېيىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، ياڭگاڭ، فۇ چياڭ، خەن يوڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، مەركەزنىڭ يەرلىكنى كۆزىتىش 3 – گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىڭ يەنلىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.