مېھرىگۈل ناسىر خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنى 26 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بو شياۋنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى(لايىھە)››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ چېڭدېنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام خاراكتېرلىك قىسمەن قارار، بېكىتمىلەرنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)››، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ھاشىمھاجى ئابدۇرېھىمنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى(تۈزىتىلمە لايىھە)›› توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ فۇچياڭنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2010 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ قىسمەن ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭچىڭنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قانۇنى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۆجۈپنىڭ 2010 – يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش ئەسىر سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ خاۋنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش تەكلىپى ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاڭ گولياڭ، دۇ چىنرۈي، لى جى، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن ھەمدە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىملار يىغىنغا قاتناشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
