ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران سۇدا يۈرەلەيدىغان ئايروپلاننى ئاشكارلىدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:nur.cn تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئالدىنقى كۈنى بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە ئېراننىڭ ئىنقىلابى قۇغداش ئەتىرىتى ئۈچ ئوتتۇرا ئەتىرەتنى بۇ خىل ئۇچار كېمە بىلەن قوراللاندۇرۇپ بو
  



ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئالدىنقى كۈنى بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە ئېراننىڭ ئىنقىلابى قۇغداش ئەتىرىتى ئۈچ ئوتتۇرا ئەتىرەتنى بۇ خىل «ئۇچار كېمە» بىلەن قوراللاندۇرۇپ بولدى دىگەن. لىكىن بۇ خىل ئۇچقۇ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە قورال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىكەن، يەنە تېخى رادارغا چۈشمەيدىكەن.
ئېران دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تىلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل ئۇچقۇنىڭ نامى «باۋار 2 شەكىلىدىكى ئۇچار كېمە» بولۇپ، ئېراق ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇغا كىرىدىكەن. نۆۋەتتە ئېران ئىنقىلابى قوغداش ئەتىرىتى ئاللىقاچان بىرىنچى تۈركۈم بۇ خىل ئۇچقۇلار بىلەن قوراللانغان، بۇ ھەرىكەت يادرو تەرەققىيات پىلانى سەۋەپلىك خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچىراۋاتقان ئېراننىڭ يەنىلا ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئېران2009-يىلى، بۇ خىل ئۇچقۇنىڭ سىنىقى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىل «ئۇچار كېمە» سۇ ئۇستى ئايرۇپىلانى بىلەن ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، قۇرۇقلۇققىمۇ قونالايدىكەن، يەنە سۇ ئۈستىدىمۇ ماڭالايدىكەن. ئېراق تىلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ خىل كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇ سۇدا ۋە ئاسماندا پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىكەن، لىكىن بۇ خەۋەرنىڭ راست يالغانلىقى تېخى يېتەرلىك ئىسپاتلانغىنى يوق.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!