ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خانوي شەھەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى تەبىرىكلەيدۇ

2010-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:نامەلۇم تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
ۋېيتنام پايتەختى خانوي شەھىرى 10-ئاينىڭ1-كۈنى شەھەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى كۈتىۋالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا خانوي 10 كۈن داۋاملىشىدىغان ھەر خىل تەبىرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ھازىر خانوينىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرى يېپيېڭى دۆلەت بايراقلىرى ۋە ھەر خىل پان
  



ۋېيتنام پايتەختى خانوي شەھىرى 10-ئاينىڭ1-كۈنى شەھەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى كۈتىۋالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا خانوي 10 كۈن داۋاملىشىدىغان ھەر خىل تەبىرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ھازىر خانوينىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرى يېپيېڭى دۆلەت بايراقلىرى ۋە ھەر خىل پانوسلار بىلەن بېزىلىپ، قويۇق بايرام تۈسى ئالدى.

 



بۇ قېتىمقى تەبىرىكلەش پائالىيىتىگە ھۆكۈمەت ئالاھىدە 63 مىليۇن دوللار مەبلەغ ئاجىرىتىپ ھەر خىل تەبىرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

 



10-ئاينىڭ1-كۈنى، خانويدا 1000دانە ئاز ئۇچىرايدىغان تاشپاقا، 1000خىل دېھقانچىلىق سايمىنى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. خانويدا يېڭى كۆۋرۈك قاتناش باشلايدۇ، خاتىرلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن ئابىدىنىڭ ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان مۇزىينىڭ يوپۇقى ئېچىلىدۇ. 10-ئۆكتەبىر كۈنى تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ كۈنى 31 مىڭ ئامما چوڭ تىپتىكى تەبىرىكلەش نامايىشىغا قاتنىشىدۇ.

 



بايراق ۋە پانوسلار بىلەن بېزەلگەن كوچىلار

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!